كۆچمەنلەر پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى
لىۋىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوتنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كۆچمەن يوقاپ كەتتى.
1242679
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئاقدېڭىزنىڭ لىۋىيە تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن 145 ئەتراپىدا كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 150 تىن ئارتۇق كۆچمەن يوقاپ كەتكەن.
ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتا 300 دەك كۆچمەن بار ئىكەن.