ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا بىلەن قايتا مۇزاكىرىلىشىشكە يېشىل چىراق ياقتى
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە يېشىل چىراق ياقتى ۋە پۇرسەتنىڭ تېخى قولدىن كەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىدە، رۇھانىنىڭ پايتەخت تېھراندىكى مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «بۇ ھۆكۈمەت مۇزاكىرە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغىنى يوق ۋە قولدىن بېرىپمۇ قويمايدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىلا بولىدىكەن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادىل، قانۇنلۇق ۋە غۇرۇرىنى قوغدىغان ئاساستا بىر مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھەسەن رۇھانى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مۇزاكىرە ئۈستىلىدە تەسلىم بولغان بىر شەكىلدە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دەسلەپتىكىگە ئوخشاش 11 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى كۈندىن بۇيان سىياسەت ساھەسىدە ۋە كېلىشىپ قىلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەردە كۆرۈنگەن توسالغۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا 2015 – يىلى ئىمزانلانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، 2018 – يىلى 8 – مايدا ئىرانغا تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ئېمبارگولارنى يولغا قويغان ئىدى.
ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي ئالدىنقى ئاي ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئامېرىكا بىلەن يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئاچچىق تەجرىبىلەر سەۋەبىدىن بۇ مۇزاكىرە ھەرگىزمۇ قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ئىدى.