ۋېنېزۇئېلادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ۋېنېزۇئېلانىڭ سان فېلىكس شەھىرىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 5 ئادەم يارىلاندى.
1240297
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولىۋار ئۆلكىسىگە قاراشلىق سان فېلىكس شەھىرىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتى تاپانچا ۋە مىلتىقلىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
قەتلىئامدا 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، بىرى ئىككى ياشلىق بىر بوۋاق بولۇپ جەمئىي 5 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىى قەيت قىلىندى.
ساقچىلار، 6 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا، بىرىنىڭ دوختۇرخانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.