سلوۋېنىيە ئىتالىيە چېگراسىغا ئەسكەر يوللايدىغان بولدى

سلوۋېنىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئىتالىيە چېگراسىغا 35 نەپەر ئەسكەر يوللايدىغان بولدى.

1239963
سلوۋېنىيە ئىتالىيە چېگراسىغا ئەسكەر يوللايدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سلوۋېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سلوۋېنىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگراسىدا ئالدىنقى ھەپتىلەردە پاناھلانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيە چېگراسىدىكى كوپېر شەھىرىگە يوللانغان 35 ئەسكەرنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەشتە چگرا ساقچىلىرىغا يادەمچى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەسكەرلەرنىڭ بۇ دائىرىدە ئارمىيەنىڭ قول ئىلكىدىكى كۆزىتىش ئۈسكىنىلىرى ۋە بىرونۇۋىك قاتارلىق بارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنالايدىغانلىقى ئۇەسكەرتىلدى. 

سلوۋېنىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۈمە كۈنى ئورمانلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتە 122 نەپەر پاناھلاغۇچىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر