ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگلىيەدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسونغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مىڭلارچە كىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسونغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:00دە ھايدې باغچىسىغا يىغىلغان مىڭلارچە كىشى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بورىس جونسونغا قارشى شوئار توۋلىدى.
نامايىشچىلار ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، برېكىس پارتىيەسىنىڭ ئاشقۇن پىكىرلىك رەھبىرى نىگېل فاراگې ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەئىسلىكى ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن جېرېمىي ھۇنت قاتارلىق شەخسلەرنىڭ قونچاق رەسىملىرىنىڭمۇ كۆتۈرۈۋېلىشتى.
پارلامېنت مەيدانىدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جونسوننىڭ رەسمى چۈشۈرۈلگەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى بىر شارچە ئاسمانغا قويۇپ بېرىلدى، بۇرۇنمۇ پارلامېنت مەيدانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رەسمى چۈشۈرۈلگەن بىر شارچە ئاسمانغا قويۇپ بېرىلگەنىدى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەئىسلىك رىقابىتىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان جونسون، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە باش ۋەزىر تېرېسا مېي بىلەن كېلىشەلمەي بۇلتۇر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جونسون بۇ يىل31-ئۆكتەبىرگىچە ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن تولۇق ئايرىپ چىقىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرمەكتە.جونسوننىڭ رەقىبى ھانت بولسا ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىش مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ قارارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 29-مارتتا ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى توغرۇلۇق قانۇن چىقارغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.