سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرلىق ھاجى نامزاتلىرىنى قايتۇرۇۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ۋىزىسى بىلەن مۇقەددەس جايغا بارغان مىسىرلىق 300 ھاجى نامزاتىنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا چىقىدىغان «‹ئەخبارۇليەۋم› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ۋىزىسى بىلەن مۇقەددەس جايغا بارغان مىسىرلىق 300 ھاجى نامزاتىنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ۋە مىسىرغا قايتۇرۇۋەتكەن.
بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلغان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەج ئىشلىرى شىركەتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەج ۋىزىسىنىڭ سىرتىدا «ساياھەت» ۋە «زىيارەت» قاتارلىق ۋىزىلارنى ئالغان ھاجى نامزاتلىرىنىڭ مىسىردىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
مىسىر ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Egypt Air) تۇنجى ھەج كارۋىنى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ ئالدىنقى كۈنى مۇقەددەس جايغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. شىركەت مەسئۇللىرى، بۇ يىل 70 مىڭ ھاجى نامزاتى ئۈچۈن 300 ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.