قۇرتۇلمۇش لوندوندا زىيارەتتە بولدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقىنىڭ ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا زىيارەتتە بولدى.

1239333
قۇرتۇلمۇش لوندوندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش لوندون زىيارىتى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن مەخسۇس بىر رىياسەتچىنىڭ ھەمراھلىقىدا « British Museum » دىكى «ئىسلام دۇنياسى ئاسارە – ئەتىقىلىرى» بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

كېيىنچە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) نىڭ ئىنگىلىزچە تېلېۋىزىيە قانىلى « TRT World » نىڭ لوندوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى زىيارەت قىلغان قۇرتۇلمۇش، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنگلىيە ۋاكالەتىانىسىدا، مۇسۇلمان  جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. تۈركىيەنىڭ لوندون باش ئەلچىخانىسىدا بولسا، ئەنگلىيەدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

قۇرتۇلمۇشقا، زىيارىتى ھەم ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ لوندون باش ئەلچىسى ئۈمىت يالچىن ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر