ئەربىلدىكى ھۇجۇمدا يارىلانغان بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن بىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى قانۇن دوختۇرخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلومات شېھىت بولغان ھۇجۇمدا بېشىغا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان بەشدار رامازانمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
رامازاننىڭ جەسىتىنىڭ قانۇن دوختۇرخانىسىدىن ئېلىنىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئەربىل دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلومات شېھىت بولغان، ھۇجۇمدا بىر ئىراق پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.