سىرىلانكا پىرېزىدېنتى: ئۆلۈم جازاسى شەرت

سىرىلانكا پىرېزىدېنتى مائىترىپالا سىرىسېنا، 21 – ئاپرېلدىكى پاسخا بايرىمى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1237614
سىرىلانكا پىرېزىدېنتى: ئۆلۈم جازاسى شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي خەۋەرلەر تورى «Daily Mirror» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مائىترىپالا سىرىسېنا، قوللىرىدا ھۇجۇمچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كونكېرت پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، 290 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

سىرىلانكا پىرېزىدېنتى مائىترىپالا سىرىسېنا، ئۆلۈم جازاسىغا «تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت يارىتىش ئۈچۈن شەرت بولۇپ، جىنايەت سادىر قىلىشنى ئويلاۋاتقانلارنى ۋاز كەچتۈرۈش» رولىنى ئوينايدۇ، دەپ باھا بەرگەن.

ئۇ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ۋە قاتىللىق قىلمىشلىرىنىڭ سىرىلانكا قانۇن سىستېمىسىدىكى بەدىلىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈم جازاسىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ پەقەت جىنايەتچىلەرگىلا پايدىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

سىرىلانكادا، 21 – ئاپرېلدا خىرىستىيانلار پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىۋاتقان ئەسنادا بەزى چېركاۋ ۋە مېھمانخانىلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 290 ئادەم ئۆلگەن، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر