دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرى

ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇسۇلمان ئەزالىرىدىن ئىلھان ئومەر ۋە رەشىدە تايىپتىن باشقا ئالېكساندېر ئوكاسىيا كورتېز ۋە ئاياننا پرېسلېي قاتارلىقلارترامپنىڭ ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ياقلىدى.

1236268
دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن 4 ئايال پارلامېنت ئەزاسى، دونالد ترامپنىڭ ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى ياقلىدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ  مۇسۇلمان ئەزالىرىدىن ئىلھان ئومەر  ۋە  رەشىدە تايىپتىن باشقا ئالېكساندېر ئوكاسىيا كورتېز ۋە ئاياننا پرېسلېي قاتارلىق شەخسلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى.

دونالد ترامپنىڭ «قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتىپ كەتسۇن»دېگەن باياناتىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىلھان ئومەر: دونالد ترامپ ئوچۇق ئاشكارە ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىرقچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بۇنداق بىر پىرېزىدېنت دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك، دېدى.

دونالد ترامپنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتلارنى بېرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغانلىقىنى ياقلىغان پرېسلېي، ترامپنىڭ بۇنداق گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى، دونالد ترامپقا ئەۋەتكەن خېتىدە پىرېزىدېنتنىڭ ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى دېدى.

ئۇ: ئاۋام پالاتاسى باشلىقى كۆچمەنلەر توغرۇلۇق بۇنداق گەپ-سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ، دېدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرىدىن ئىلھان ئومەر، رەشىدە تايىپ، ئوكاسىيا كورتېز ۋە ئاياننا پرېسلېي قاتارلىق شەخسلەرنى «ئىلغار دېموكراتچىلار مەجلىس ئەزالىرى»دېگەندەك تەنە ئارىلاش گەپلەرنى قىلغاندىن باشقا،  بۇ كۆچمەن ئاياللارنىڭ بۇرۇنقى مەملىكەتلىرىنى  «دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ چىرىك  ۋە يوقىلاڭ مەملىكەتلەر» دېگەنىدى.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكانى قانداق باشقۇرۇش توغرۇلۇق گەپ قىلىشىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى دېگەن ترامپ مۇنۇلارنى يازغانىدى: «نېمە ئۈچۈن بۇ ئاياللار مەملىكەتلىرىگە قايتىپ، چىرىكلىك ۋە جىنايەت بىلەن تولغان مەملىكەتلىرىنى تۈزىمەيدۇ، ئۇلار مەملىكەتلىرىنى تاشلاپ دۆلىتىمىزگە كېلپ، بىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمىزنى دەۋاتىدۇ. بۇ جاينىڭ سىلەرگە ئېھتىياجى بار ۋە سىلەر بۇ جايدىن ئاسانلىقچە كەتمەيسىلەر، نەنسى پېلوسى سىلەرگە ھەقسىز ساياھەت بېلىتى تېپىش بەرسە ئەجەپ ئەمەس.»

دونالد ترامپ دېگەننىڭ ئەكسىچە ئىلھان ئومەردىن باشقا 3 ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى مەلۇم.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر