رۇسىيە بىلە گېرمانىيە بىلىم ساھەسىدە ھەمكارلاشتى

رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن تاشقى پلانېتاغا بىر سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتتى.

1235458
رۇسىيە بىلە گېرمانىيە بىلىم ساھەسىدە ھەمكارلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە بىرلىشىپ تاشقى پلانېتاغا بىر سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتتى.

« Spektr-RG »ناملىق سۈنئىي ھەمراھ قازاقىستاننىڭ بايكونور تاشقى پلانېتا بازىسىدىن تاشقى پلانېتقا  ئەۋەتىلدى.

يەر شارىغا 1 يېرىم مىليون يىراقلىقتىكى تاشقى پلانېتاغا ئەۋەتىلگەن سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربېتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قونغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۈنئىي ھەمراھ ئېلىپ بېرىلىدىغان سىناقلاردىن كېيىن رەسمىي ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ.

سۈنئىي ھەمراھ ئالەم يۈزىنى يۇقىرى سەزگۈرلۈك ۋە بۇلۇڭ ئېنىقلىق جەھەتتىن كۆزىتىپ چىقىدۇ.

كائىناتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى قاراڭغۇلۇق ئېنېرگىيەسى ۋە قاراڭغۇ ماددىنىڭ رولىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن گالاكتىك جىسىملار كۆزىتىلىپ ئالەم يۈزى « X -نۇرى»بىلەن سېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر