نېپالدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نېپالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 30 ئادەم قاز قىلدى.

1235331
نېپالدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالدا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە ئەڭ ئاز 30 كىشى قازا قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلارنىڭ نېپالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەلكۈن ئاپىتىدە 30 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن مەسئۇللار، ئاپەتتە 12 كىشىنىڭ يارىلىنىپ 18 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، نېپالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدىكى 21 رايوندا پەيشەنبە (11-ئىيۇل)كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت تۈپەيلى جەمئىي 1175 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار ئاپەتتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

ئاپەت تۈپەيلى نۇرغۇن يول قاتناشقا توسۇلۇپ يۈزلەرچە كىشى يولدا قالدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، ئۆيى سۇ ئاستىدا قالغان مىڭلارچە كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئەتىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


خەتكۈچ: #كەلكۈن , #نېپال

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر