نىگېردا كېمە قازاسى يۈز بەردى
نىگېرنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مارادى رايونىدا بىر كېمە دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ كۆپ ساندا جېنىدىن ئايرىلدى.
1234507
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گولبىن مارادى دەرياسىدا 50 تەك ئادەم بىلەن كېتىۋاتقان كېمە دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن.
ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ۋەقەدە 11 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.