ئىران ئەنگلىيە پاراخوتىنى توختاتقانلىقىنى رەت قىلدى

ئىران ھۆكۈمىتى ھۇرمۇز بوغۇزىدا ئەنگلىيەنىڭ بىر نېفىت پاراخوتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى رەت قىلدى.

1233934
ئىران ئەنگلىيە پاراخوتىنى توختاتقانلىقىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇرمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان «برىتىش خېرىتېيىج» (British Heritage) ناملىق ئەنگلىيە پاراخوتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بەسرە قولتۇقىدا چارلاۋاتقان دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھېچقانداق چەت ئەل پاراخوتى بىلەن ئۇچراشمىدى.»

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇرمۇز بوغۇزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «HMS Montrose» ھەربىي پاراخوتنىڭ، «برىتىش خېرىتېيىج» ناملىق ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان ئىراننىڭ ئۈچ پاراخوتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىران پاراخوتلىرى بىلەن نېفىت پاراخوتىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتى ئۆتكەن ھەپتە جەبىلتارىق بوغۇزىدا سۈرىيەگە نېفىت توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئىران بايرىقى ئېسىلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىش ئىشىغا قاتناشقان ئىدى.

ئەنگلىيەگە قاراشلىق ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جەبىلتارىق رايونى، ئىران نېفىت پاراخوتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران «Grace 1» ناملىق نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىشنىڭ ئەنگلىيەگە «بەدىلى» بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

جەبىلتارىق سوتى ئۆتكەن ھەپتە ئىران نېفىت پاراىوتىنىڭ يەنە 14 تۇتۇپ تۇرۇلۇشىىن ھۆكۈم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر