ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبەتلىرى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى

ئىسپانىيە سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەش بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقان 5 - قېتىملىق سۆھبىتىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

1233062
ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبەتلىرى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە سوتسىيالىست ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ، 28 – ئاپرېلدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن ئاشقۇن سولچىل ئىدىيەدىكى پودېموس پارتىيەسى بىلەن ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان ئاز سانلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش سۆھبەتلىرى يەنە بىر قېتىم ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى.

باش مىنىستىر، قوشۇمچە سوتسىيالىست ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى پېدرو سانچېز، ئاز سانلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللەش مەقسىتىدە پودېموس رەھبىرى پابلو ئېگلېسىئاس بىلەن بەشىنچى قېتىم كۆرۈشتى.

پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سانچېز – ئېگلېسىئاس ئۇچرىشىشىدا بىردەلىك ھاسىل قىلىنالمىدى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن تەرەپلەر بايانات بېرىپ بىر – بىرلىرىنى ئەيىبلىدى.

كېلىشەلمەسلىكنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سەۋەب، پودېموسنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى ۋە ئاز سانلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللەشنى خالايدىغان سوتسىيالىست ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ پىكىرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، پەقەت قىسمەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

ئىسپانىيەدە 28 – ئاپرېلدا يېقىنقى 4 يىل ئىچىدىكى 3 – قېتىملىق ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىياسىي تۇراقسىزلىقلارغا خاتىمە بەرگۈدەك نەتىجە چىقمىغانىدى.

سوتسىيالىستلار ئالدىنقى قېتىملىق سايلامغا نىسبەتەن ئاۋاز نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سايلامدا بىرىنچى بولغان بولسىمۇ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكللىگۈدەك پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر