ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەگە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1233484
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ The Guardian › گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرىسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققۇسى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن رايونغا زاپاس ئەسكەر ئەۋاەتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارشى  كۈرەش مەقسىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى % 10 – 15 كۆپەيتىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيەدە قانچە ئەسكىرىنىڭ بارلىقى مەخپىي تۇتۇلماقتا ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېرمانىيە سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى رەت قىلغان، ئىتالىيە بولسا تېخىچە قارار چىقارمىغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى 2 مىڭ - 2500 ئەتراپىدىكى ئەسكەرلىرىىنىڭ سانىنى 400 گە چۈشۈرۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى  قارمىقىدا دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتناشماقتا ئىكەن، بىراق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئالاھىدە قىسىملىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمەيۋاتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر