مىسىر چەت ئەللىكلەرگە پۇقرالىق بېرىدىغان بولدى

مىسىر ھۆكۈمىتى سۇنغان ۋە مىسىرغا مەبلەغ سالغان چەت ئەللىكلەرنى مىسىر پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش قانۇن تەكلىپى پارلامېنتتا پىرىنسىپ جەھەتتىن تەستىقتىن ئۆتتى.

1232040
مىسىر چەت ئەللىكلەرگە پۇقرالىق بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغان ياكى مەبلەغ سېلىش لايىھەسى سۇنغان ۋە ياكى مىسىر مەركزىي بانكىسىدا خۇسۇسىي بانكا ھېسابى ئاچقان ھەرقانداق چەت ئەللىكنى مىسىر پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، دۆلەتلىك كېڭەشكە يوللاندى.

تەكلىپنىڭ رەسمىي قانۇنلىشىشى ئۈچۈن پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاخىرقى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇلۇشى لازىم.

پارلامېنت ئەزاسى ھەيسەم ئەل ھەرىرى پارلامېنتتىكى يىغىندا، قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مىسىر پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى مەبلەغ سېلىشقا چېتىپ قويۇشنىڭ سەلىبىي ۋە ناچار بىر قەدەم ئىكەنلىكنى ئېيتتى ھەمدە: «بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ ئاتالمىش <يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ، قانداق؟ دەپ سورىماقچىمەن» دېدى.

پارلامېنت باشلىقى ئەلى ئابدۇلال مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ <يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> پىلانى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت مىسىرغا مەبلەغچىلەرنى جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكى ۋە بەھرەيننىڭ ساھىبخانلىقىدا 25ئىيۇندىن 26ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن «باياشاتلىق ئۈچۈن تىنچلىق» تېمىسى ئاستىدىكى ئىقتىسادىي كېڭەش يىغىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسلىسىگە دائىر ئېلان قىلىشى كۈتۈلىۋاتقان <يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> پىلانى دائىرىسىدىكى تۇنجى يىغىن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. 

پەلەستىن بۇ يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىمۇ يىغىننى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. 

بەھرەين پەلەستىننىڭ بايقۇت قىلىش چاقىرىغا قارىماستىن، مەزكۇر كېڭەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، مىسىر، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، قاتار ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر