ئامېرىكا گېرمانىيەدىن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1231437
ئامېرىكا گېرمانىيەدىن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي، گېرمانىيەدىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالاھىدە ۋەكىل جيېمىس جېففرېي «ۋېلت ئەم سونتاگ»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

گېرمانىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففىرېي، گېرمانىيەدىن سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس ھەربىي جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشىنىمۇ كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىن تەلەپ قىلىنغان ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېيتقان ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففرېي: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەڭ ئەجەللىك زەربىنى يەنىلا يەرلىك قوراللىق قىسىملار بېرەلەيدۇ. لېكىن يەرلىك قوراللىق قىسىملىرىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشقا كېرەك، دېدى.

ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففرېي ، گېرمانىيەدىن تەلەپ  قىلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «مۇقىملىق بەرپا قىلىنمىسا تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى باشقا گۇرۇھلار قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ. بىز تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يىلىتىزدىن يوقىتىشنى خالايمىز. بىز يەنە سۈرىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتى ئاستىدا سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىن تامامەن چېكىنىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلمىز.»

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئورنىغا كېلىدىغان گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتقان جېففرېي مۇنداق دېدى: «ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئەسكەرلەرگە ئېغىر تىپلىق قوراللار بېرىلىدۇ، لېكىن جەڭگە بىۋاستە قاتنىشىدىغانلار يەنىلا يەرلىك قوراللىق قىسىملاردۇر.»

بېرلىندا ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففرېي: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلىنىپ قارار بېرىدۇ، دېدى.

ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففرېي، گېرمانىيەدە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە تارىخىدىن 1933-يىلدىن بۇيان خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتىمىز، نېمىسلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ئەلۋەتتە ھەربىي جەھەتتە قارار بېرىش ھېچقانداق دۆلەتكە ئاسانغا توختىمايدۇ.»

ئالاھىدە ۋەكىل جېيمىس جېففرېي، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سېپىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە كەتكەن ياۋروپالىقلار ئۈستىدە توختالغاندا،  بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ پەرقلىق قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سۈرىيەدە دائېش سېپىدا ئۇرۇش قىلغان ياۋروپالىقلار دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر