رۇھانى بىلەن ماكرون كۆرۈشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون يادرو كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى.

1231436
رۇھانى بىلەن ماكرون كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار ئۈستىدە توختىلىپ، ئىراننىڭ «ئامېرىكاغا ئىستراتېگىيەلىك سەۋر»كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارانى ئېمبارگولارنى توختىتىشقا چاقىردى.

ھەسەن رۇھانى بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھەمكارلىق مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىشىنى ياقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى يادرو كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن بەرگەن 60 كۈنلۈك مۆھلەتنىڭ مۇددىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر