كالىفورنىيەدە 3 كۈن ئىچىدە 2 – قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 4 – ئىيۇل كۈنىدىكى 6.4 باللىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەنە 6.9 باللىق ئىككىنچى قېتىملىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

1231312
كالىفورنىيەدە 3 كۈن ئىچىدە 2 – قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رىدگېكرېست شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 17  كىلومېتىر يىراقلىقتا 6.9 باي يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتى تارىخىدا يۈز بەرگەن  يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن، 1400 قېتىمدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، يوللار، سۇ ۋە تەبىئىي گاز لىنىيەلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، دائىرىلەر قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق  ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەن رىدگېكرېست شەھىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر