قەرزاۋىنىڭ قىزىنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

مىسىردا دۆلەت خەۋپسىزلىك تەپتىش مەھكىمىسى دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ سابىق باشلىقى يۈسۈف قەرزاۋىنىڭ قىزى ئەلا قەرزاۋىنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇش مۇددىتىنى 15 كۈن ئۇزارتتى.

1230656
قەرزاۋىنىڭ قىزىنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلا قەرزاۋىنىڭ ئادۋۇكاتى ئەھمەد مادىنىڭ ئېيتىشىچە، «تېررورلۇق جامائىتىنىڭ سېپىگە قېتىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەزا قەرزاۋى ئۈستىدىن يەنە باشقا بىر تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇش مۇددىتى 15 كۈن ئۇزارتىلغان. ئەلا قەرزاۋى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاچلىق ئېلان قىلىشنى قارارلاشتۇرغان.

قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئەلا قەرزاۋىنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

ئەلا قەرزاۋى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ھۇسام ھەلەف 2017 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا مىسىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساھىل ئەشەمالى رايونىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، ئەلا قەرزاۋى ئۇدا 300 كۈن بويىچە كامېردا تۇتۇلغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەلا قەرزاۋى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئەلا قەرزاۋى كامېردا دۇچ كەلگەن ناچار مۇئامىلە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تەن جازاسى ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر