خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن مۇساپىرلار مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىيەلمىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، لىۋىيەدە 40 تىن ئارتۇق كۆچمەن ۋە مۇساپىرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىيەلمىدى.

1230142
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن مۇساپىرلار مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىيەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، پايتەخت تىرابلۇسقا يېقىن تاجۇرا رايونىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان مەركەزگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، كېڭەشنىڭ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىدىغان باياناتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن.

دىپلوماتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندىن يوليورۇق كۈتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئورتاقلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، كېڭەشنى ۋاقىپلاندۇرغان ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى روسېماري دىكارلو، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ قوراللىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى يىغىندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكالەتخانىسى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، لىۋىيەدىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە، سىياسىي مۇساپىگە قايتىشقا، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى لىۋىيەگە يۈرگۈزۈلگەن قورال ئېمبارگوسىغا تولۇق رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، لىۋىيەدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرگە كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان مەركەزنىڭ تولۇق ئادرېسىنىڭ ئالدىنئالا مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ب د ت نىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى غەسسان سەلامە، ھۇجۇمنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى تۈرىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى پايتەخت تىرابلۇسنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان مەركەزگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر