ھوندۇراستا بىر بېلىقچى كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ ئونلارچە بېلىقچى قازا قىلدى
ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراستا بېلىقچى كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ 26 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوندۇراس تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ گراسىئاس ئا دىئوس ساھىلىغا تەخمىنەن 75 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 73 ئادەم ئولتۇرغان كاپىتان ۋالي ناملىق بىر كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ 26 بېلىقچى جېنىدىن ئايرىلغان.
ئارمىيە باياناتچىسى جوسې دومىنگو مېزا، كېمىدىكى 73 ئادەمنىڭ 47 سىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، قازا قىلغان 26 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەر غەۋۋاسلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ ھوندۇراس دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتىغا چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېزا، بېلىقچى كېمىسىگە 70 يۈك بېسىلغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق كېمە قازاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىستاكوز بېلىقىنى تۇتۇش مەزگىلى باشلانغان 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ كۆپلىگەن بېلىقچى كېمىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن مېزا، ئەتىگەندە مىس فرانسېلىيا ناملىق بىر بېلىقچى كېمىسىنىڭ غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، كېمىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ھوندۇراس دېڭىز ئارمىيەسى، غەرق بولۇپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق مۇئەييەنلەشمىگەن كېمە قازالىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.