ئامېرىكا لىۋىيە ھۆكۈمىتى قولغا چۈشۈرگەن قوراللار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى ، لىۋىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئامېرىكا قوراللىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1229366
ئامېرىكا لىۋىيە ھۆكۈمىتى قولغا چۈشۈرگەن قوراللار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سېتىلغان قوراللارنىڭ لىۋىيەدىكى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ قولىدىن چىقىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا مەنبەلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلىشى مەسىلىسىگە ناھايىتى جىددىي قارايمىز. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن ۋاقىپمىز ۋە قوشۇمچە مەلۇماتلارنى توپلاشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئامېرىكا قوراللىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لىۋىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ يارىتىشنىڭ پەقەت سىياسىي يوللارلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتچى، «بارلىق تەرەپلەرنى ترابلۇسنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ سىياسىي مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىكىگە ئەگىشىشكە چاقىرىمىز. ئامېرىكا، ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى غەسسان سالامە ۋە لىۋىيەدىكى ب د ت ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ، سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بارلىق لىۋىيەلىكلەرگە ئامانلىق ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر يول خەرىتىسى تەييارلاپ چىقىش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە» دېدى.

لىۋىيەدىكى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، غىريان شەھىرىدە خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئىسكىلاتلىرىدىن كۆپ مىقداردا ئامېرىكا قورالىرىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ھافتەر كۈچلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئامېرىكا راكېتامىيوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تارقاتقانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قوراللارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغانىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر