ئامېرىكىدا بىر كۆچمەن نازارەت ئاستىدا ئۆلدى

مېكسىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئامېرىكىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ھوندۇراسلىق قانۇنسىز كۆچمەن نازارەت ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1229508
ئامېرىكىدا بىر كۆچمەن نازارەت ئاستىدا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ CNN › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30 ياشلىق ھوندۇراسلىق يىمى ئېلاكسىس بالدېرراموس ئىسىملىك كۆچمەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تېكساس ئەشتاتىنىڭ خوستۇن نازارەتخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن، 2018 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نازارەت ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى 11 گە يەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا 5 بالىمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر