رۇسىيەدە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1228785
رۇسىيەدە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋىتالي مۇتكو، رۇسىيە-24 قانىلىغا ئىركۇتىسكى رايونىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى.

ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە 12 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇتكو، 9 ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىركۇتسكى رايونىدىكى سۇ ئاپىتى 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي – ماكاننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىركۇتىسكى رايونىدىكى سۇ ئاپىتىگە ئالاقىدار براتىسكى شەھىرىدە چاقىرىلغان جىددىي يىغىندا، سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا جىددىي ياردەم قىلىنىشى ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر