ئابباس بەھرەيىندە چاقىرىلغان يىغىننى بايقۇت قىلدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بەھرەيىندە چاقىرىلغان يىغىندا سىياسەت مەسىلىلەر ئەمەس ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.

1226521
ئابباس بەھرەيىندە چاقىرىلغان يىغىننى بايقۇت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، بەھرەيىندە چاقىرىلغان ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى بايقۇت قىلدى.

مەھمۇد ئابباس چىلى پىرېزىدېنتى سېباستىيان پىنېرا بىلەن راماللاھ شەھىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى.

دۆلەت رەئىسى ئابباس چىلى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەييارلاپ چىقىلغان "ئەسىرلىك كېلىشىم"پىلانىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەھمۇد ئابباس « ئەسىرلىك كېلىشىم » پىلانى دائىرىسىدە چاقىرىلغان بەھرەيىن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سىياسىي چارىلەر ئۈستىدە ئەمەس ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەن بەھرەيىن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدۇق، مىللىي ھەق-ھوقۇقلار ئېلىپ سېتىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك ئەمەس. »

دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى چىقارغان قارارلارنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم نازارەت قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق  ئىشغالىيەتچى ھۆكۈمەتنى «قۇددۇسنى پايتەخت قىلىش، گولان تۆپىلىكىنى زېمىنىغا قوشۇۋېلىش، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئېلىۋېلىش»رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مەھمۇد ئابباس، تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى نازارەت قىلىش، پەلەستىندە دۆلەت ئورگانلىرى تەسىس قىلىش ۋە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى خەلقئارالىق بىر مىخانىزما بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىشغالىيەتچىلەر پەيدا قىلغان مەسىلىلەر، پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، باج سىستېمىسى ۋە مۇقەددەس ماكانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشى قاتارلىقلار توغرۇلۇق چىلىلىق مەنسەبدېشىغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتقان مەھمۇد ئابباس مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئىشغالىيەتچىلەر دۆلىتىمىزنىڭ قۇددۇس كىملىكى ۋە ئالاھىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، شەرقىي قۇددۇسنىڭ دىنغا ئىشەنگۈچىلەر ۋە بارلىق سامى دىنلارغا مەنسۇب كىشىلەرنىڭ ئىبادەت ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىز. »

چىلى پىرېزىدېنتى پىنېررا چىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە  خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان چېگرالار ئىچىدە ئەركىن بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن خەلقلىرى مۇشۇنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى دائىرىسىدە تىنچلىق بەرپا قىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر.»
 

پىرېزىدېنت پىنېرا ئۈلۈشكۈن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مەسجىدى ئەقسانى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر