رۇسىيەدە ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ بۇرياتيا جۇمھۇرىيىتىدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇش ئەسناسىدا لېنىيەسىدىن چىقىپ كەتتى.
1226172
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەگە قاراشلىق بۇرياتيا جۇمھۇرىيىتىدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمغا جىددىي قونۇش ئەسناسىدا لىنىيەسىدىن چىقىپ كېتىپ 2 ئۇچقۇچى قازا قىلدى، 22 يولۇچى يارىلاندى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىجنېئانگارسكىدىن ئۇلان ئۇدېغا قاراپ نىجنېئانگارسكى ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان «ئان-24» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا جىددىي قونۇش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا قايتىپ كەلگەن.
قونۇش ئەسناسىدا لىنيەسىدىن چىقىپ كەتكەن ئايروپىلان، بىر بىناغا سوقۇلۇپ توختىغان، بىراق شىددەتلىك ئوت يالقۇنى 2 ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلۈمى، 22 يولۇچىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.