ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ لايىقى خەلقئاراغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ لايىقى خەتىجە جەنگىز جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار خەلقئارالىق جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزۇش چاقىرىقىدا بولدى.

1225870
ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ لايىقى خەلقئاراغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ لايىقى خەتىجە جەنگىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا پالاتاسىنى جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار خەلقئارالىق جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى.

خەتىجە جەنگىز ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدا، ھوقۇقلۇق ژۇرنالىستلار بىرلىكى «ACANU» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «جەمال ئۈچۈن ئادالەت» تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

يىغىنغا خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار زىچ قاتناشتى. 

خەتىجە جەنگىز خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانسا تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاىق دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەتىجە جەنگىز خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ جەمال قاشىقجى دېلوسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىدا ۋەھشىلەرجە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر