ئەنگلىيە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قورال سېتىشنى چەكلىدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قورال سېتىشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1225306
ئەنگلىيە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قورال سېتىشنى چەكلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورال ئېكسپورتلىرىغا ئالاقىدار باياناتىدا، ئالدىنقى ھەپتە ئالىي سوتنىڭ يەمەندە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ سېتىلىشىغا ئالاقىدار رۇخسەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈمگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارغا قارشى ئىكەنلىكى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تەييارلانغانلىقى، بىراق بۇ جەرياندا يەمەندە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىتتىپاقداش شېرىكلىرى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە مىسىرغا سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مەۋجۇت كېلىشىملەر دائىرىسىدىكى سېتىشلارنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقى، بىراق سېتىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەتلەرنىڭ سوتنىڭ قارارىغا بىنائەن قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان يەمەندە، خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

خۇسىيلار 2014يىلىدىن بېرى پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۋالغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار 2015يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقتا.

ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ قوشاۋى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى شۇنداقلا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈملىرىگە ۋە ئاچارچىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر