سېئۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

جەنۇبىي كورېيەدە بىر كىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سېئۇلدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

1225349
سېئۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن 40 ياشلىق پارك مو ئىسىملىك بىر كىشى ئاپتوموبىلىنى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۈسسۈتكەن، ئارقىدىن ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ يېنىدا ئېلىپ كەلگەن گازغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 29 – ئىيۇندىكى جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى يۈز بېرىشى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر