كانادادا 70 مىليون يىللىق بىر تاش قاتما تېپىلدى

كانادادىكى بىر كاندا 70 مىليون ياش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بىر موسازور تاش قاتما تېپىلدى.

1225295
كانادادا 70 مىليون يىللىق  بىر تاش قاتما تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادىكى بىر كاندا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار 70 مىليون ياش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بىر موسازور تاش قاتمىسنى بايقىدى.

ئالبېرتا ۋىلايىتىدىكى كانادا خان جەمەتى مۇزېي مۇدىرى دان سپىۋاك، لېتبرىد رايونىغا يېقىن جايدىكى بىر كاندا ئىشلىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ 70 مىليون ياش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بىر تاش قاتمىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسازورنىڭ دېنازاۋوردىنمۇ بەكرەك يىرتقۇچ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان سپىۋاك: بۇ مەخلۇق بېرسپاۋ دېڭىزىدا ياشايتتى، موسازور تاش قاتمىسى ھېلىھەم قىيالار بىلەن قاپلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، لېكىن باشقا ھايۋان تۈرلىرىگە سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا موسازور تولىمۇ يوغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، بۇ ھايۋان ئەجدەرھاغا ئوخشاپ قالىدۇ، دېدى.

تاش قاتمىنىڭ 7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان سپىۋاك يەنە مۇنداق دېدى: «باش سۆڭىكى 1 مېتىر بولغان تاش قاتلىمىنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى بار، ھازىر دۇنيادا ياشاۋاتقان بۇنىڭغا ئوخشاش ھايۋان يوق، بۇ ھايۋاننىڭ نەسلى ئاللىبۇرۇن يوقىغان.»

سپىۋاك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: بۇ ھايۋان 72 مىليون ئىلگىرى ئالبېرتانىڭ كۆپ قىسمىنى قاپلىغان دېڭىزلاردا ياشايتتى، دېدى.

مۇزېي مۇدىرى سپىۋاك كاننىڭ تاش قاتما تېپىلغان قىسمىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ كاننىڭ باشقا قىسمىغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ: #تاش قاتما

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر