ئاممان ئىراننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

«ئاممان ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىرانغا يەتكۈزدى» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى جاكارلىدى.

1224633
ئاممان ئىراننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىران ئامېرىكىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاممان ئىرانغا يەتكۈزدى» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئاممانننىڭ رايوننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئىران ۋە ئامېرىكانىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ يولىنى تۇتۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز»

رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئىرانلىق مەسئۇلنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامماننى ئوتتۇرىدا ۋاستە قىلغان ھالدا ئىرانغا ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە يەنە، ترامپنىڭ ئاممان ئارقىلىق ئىرانغا يەتكۈزگەن سۆزىدە، ئىران بىلەن ئۇرۇش چىقىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يىقىنلىقى، بىراق ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى ۋە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىئو بولسا، بۇ خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر