ئەلرايى نەتىجىسى، %24 ئامېرىكىلىقنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەلرايى نەتىجىسى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ %58 ىنىڭ ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى، %24 ىنىڭ بولسا مۇداخىلىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1224626
ئەلرايى نەتىجىسى، %24 ئامېرىكىلىقنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Hill» خەۋەرلەر تورى بىلەن HarrisX ئەلرايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى بىرلىكتە يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچىيىپ كەتكەن ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقى توغرىسىدا ئەلرايىنى سىناش تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى.

تۈنۈگۈن ۋە ئۆلۈشكۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى جەدۋىلىدە، ئامېرىكىلىقلاردىن «يېقىنقى كۈنلەردىكى ئىراننىڭ دۈشمەنلىكىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ مۇۋاپىق جاۋابى قانداق بولۇشى كېرەك؟» دەپ سورالدى.

ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە قېتىلغانلارنىڭ %19 ى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى چەكلىك دائىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى قوللىسا، %5 ى ئۇرۇش ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. %49 ى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ چىرايلىقچە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلسا، %9 ى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋېتىشىگە ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى كېرەكلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە قاتناشقانلارنىڭ %18 ى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قانداق جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇئەييەن پىكرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران ئۆتكەن ھەپتە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھۇرمۇزگان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ترامپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاقسارايدا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئىراندىن ئۆچ ئېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ، ھۇجۇم قوزغاشقا ئازلا قالغاندا، ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە «ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ» قاراردىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر