رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئىسرائىلىيەدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1224953
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە پاترۇشېۋنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى يېۋگېنىي ئانوشىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ئىسرائىلىيەدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «سۆھبەتتە پاترۇشېۋ بىلەن بولتون، ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە قورال – ياراغلارنىڭ كونتىرول قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن، ئىككى رەھبەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بەزى تەرەپلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر