ئامېرىكانىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئۇمماننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكانىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برىنان خۇك (Brian Hook) رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇممانغا يېتىپ بېرىپ، پادىشاھلىق ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سۇلتان بىن مۇھەممەد ئەننۇمانى بىلەن كۆرۈشتى.

1224120
ئامېرىكانىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئۇمماننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برىنان خۇك ئۇمماندا رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇممان ئاگېنتلىقى ئونا (ONA) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇچرىشىشلاردا رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

برىنان خۇكنىڭ زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ئۇممان ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە» دېگەن گەپ-سۆزلەر يالغانغا چىقىرىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئېشىشى كۆپ دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا-ئىران يىرىكچىلىكى ۋە تاراتقۇلاردىكى بەزى خەۋەرلەر توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ ئۇممان ئارقىلىق ئىرانغا ھېچقانداق ئۇچۇر يوللىمىدى. پوزىتسىيەمىزنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىدۇق، ۋاقتى كەلگەندە ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر