ۋېيتنامدا بىر ئامېرىكا پۇقراسى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ۋېيتنامدا «دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزۇش» قا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئامېرىكا پۇقراسى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1224286
ۋېيتنامدا بىر ئامېرىكا پۇقراسى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى « BBC » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر قولغا ئېلىنغان مايكېل پوڭ مىڭ نگيۇيېن  ئىسىملىك بىر ئامېرىكا پۇقراسى، يېرىم كۈنلۈك سوتلىنىشتىن كېيىن،  «دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزۇش» قا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئادۋۇكاتى نگۇيېن ۋانتام، نگيۇيېننىڭ دۆلەتتە نامايىشلارنى كۈشكۈرتمەكچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى، بىراق خانوي ۋە خو چىمىڭدە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا مولوتوف بومبا (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەنلىكىگە قارىتا ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  نگيۇيېننىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، نگيۇيېن جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن. ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن 3 ۋېيتناملىققا بولسا يېنىك جازالار بېرىلگەن بولۇپ، جاۋابكارلارنىڭ بۇ قارار ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنۇپ سۇنمايدىغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر