ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ، ئىراننىڭ ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋېتىشىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە تېھرانغا قارشى تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1223541
ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى سىبەر ئىشلار قوماندانلىقى، ئىراننىڭ راكېتامىيوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار سىستېما كومپيۇتېرلىرىغا تور ھۇجۇمى قوزغىغان.

خەۋەردە، بۇ ھۇجۇمنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇۋازىنەتسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوراللىق ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىشىدىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەزكۇر تور ھۇجۇمىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتامىيوت باتارىيەلىرىنى كونترول قىلىدىغان كومپيۇتېرلارغا قىلىنغانلىقى ۋە مۇئەييەن ۋاقىت سىستېمىلارنىڭ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تور ھۇجۇمىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ماس ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

گېزىتنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئاقساراي رەت قىلمىدى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، تور ھۇجۇمى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر