خۇسىيلارغا تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملار يەمەندە خۇسىيلارغا تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1223183
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەربىستانىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىرىدە، بىرلەشمە قىسىم باياناتچىسى تۇركى ئەل مالىكىنىڭ خۇسىيلار تەرەپىدىن يەمەننىڭ پايتەختى سانادىن قويۇپ بېرىلگەن 2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بىرلەشمە قىسىمغا تەۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۇركى ئەل مالىكى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلانلارنىڭ يەمەن ھاۋا سەھەسىدە بايقالغاندىن كېيىن دەرھال ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
خۇسىيلار 2014 – يىلى سىنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلماقتا.