ئامېرىكا پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىشنى چەكلەش قارارنامسىىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىش پىلانىنى چەكلەش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.

1222791
ئامېرىكا پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىشنى چەكلەش قارارنامسىىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 45 كە قارشى 53 ئاۋاز بىلەن  قوبۇل قىلىنغان قارارنامىنى ھەم دېموكرات ھەم جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

بەزى پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇش ھارپىسىدا بېرىلگەن باياناتلاردا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسۇلىانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ نەزەردە تۇتىلىدىغانلىقى، بۇ جىنايەتتىن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەرگە 22 تۈرلۈك قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنماستىنلا ئۆزى تەستىقلاش توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

بۇ قارار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى قانىتى بولغان دۆلەت مەجلىسى ۋە پالاتانىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپرېل ئېيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارارنامىمۇ ترامپ تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر