ماراكەشتە كېمە پاجىئەسى يۈز بېرىپ 22 كىشى ئۆلدى

ماراكەشتىن ئىسپانىيەگە بارماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ يەل كېمىسى دېڭىزغا غەرق بولۇپ 22 كىشى ئۆلدى.

1221686
ماراكەشتە كېمە پاجىئەسى يۈز بېرىپ 22 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا ماراكەش چېگراسىغا جايلاشقان ئابوران دېڭىزىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر يەل كېمىسى دېڭىزغا غەرق بولۇپ 22 كىشى ئۆلگەن.

ماراكەشنىڭ ئالھۇجەماس شەھىرى ساھىلىدىن سەيشەنبە كۈنى يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن كېمىدە، جەمئىي 49 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بارلىقى، بۇلاردىن 27 كىشىنىڭ مادور موترىل ئارىسىدا قاتنايدىغان بىر يولۇچى پاراخوتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قۇتقۇزۇپ قىلىنغان 27 قانۇنسىز كۆچمەندىن 6 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى تۈپەيلى تىك ئۇچار ئايروپلان بىلەن ئالمېرا شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ بولسا، پاراخوت بىلەن موترىل پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر