ئىران بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 12 تۈرلۈك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى

ئىران بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، سەھىيە، دېڭىزچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە 12 تۈرلۈك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

1221337
ئىران بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 12 تۈرلۈك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك بىلەن ئىران ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى رىزا ئەردېكانىيان، ئىسفاھان   شەھىرىدە چاقىرىلغان 15 – نۆۋەتلىك سودا – ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورتاق كومىتېتى يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئەردېكانىسيان يىغىننىڭ يېپىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە مۇھىم كېلىشىم لايىھەلىرىنى ئىمزالىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ رايونغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇشەھىردىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بۆلەكلىرىنىڭ پائالىيەتكە ئۆتۈشى، ھۈرمۈزگاندا 1400 مېگاۋاتلىق 4 دانە ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئاھۋازدا رامىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تۆمۈر يولى، سەھىيە، دېڭىزچىلىق، ساياھەت، تېخنولوگىيە ۋە باشقا ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 12 تۈرلۈك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر