ئامېرىكادا كېلەر ھەپتە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش باشلىنىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلگەن مىليونلارچە كۆچمەنلەرنى ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا كۆچمەنلىك ۋە تاموژنا ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن مىليونلارچە چەت ئەللىكنى ئامېمرىكادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى كېلەر ھەپتە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆچمەنلەرنىڭ قانداق تېز كەلگەن بولسا، شۇنداق تېز سۈرئەتتە ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەرىكەتنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پىرېزىدېنت ترامپ، مېكسىكانىڭ كۆچمەنلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دونالد ترامپ 2 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلام رىقابىتىنى فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدىن باشلىدى ۋە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر مەسلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «قانۇنغا رىئايە قىلغان ۋەتەنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بىر پاناھجاي بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز، بىراق جىنايەتچى چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئەمەس» دېدى.