ئېفىيوپىيەدە موتوسىكلىت ئىشلىتىش چەكلىنىدىغان بولدى

ئېفىيوپىيە ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئىمتىھانلاردا سوئاللارنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئىنتېرنېتنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.

1221371
ئېفىيوپىيەدە موتوسىكلىت ئىشلىتىش چەكلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان جىنايەت ۋە ئوغرىلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن موتوسىكلىت  مىنىش مەنئى قىلىندى.

ئەددىس ئەبىبە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاكەلە ئۇما شەھەردىكى ئەلچىخانا ۋە پوچتاخانا خادىملىرىدىن باشقىلارنىڭ موتوسىكلىت ئىشلىتىشىگە ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاكەلە ئۇما بۇ قارارنىڭ موتوسىكلىت مىنگۈچىلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماقۇللانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېفىيوپىيە ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئىمتىھانلاردا سوئاللارنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئىنتېرنېتنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر