مېركېلنىڭ تىترەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قاتتىق قورقۇتتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تىتراۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قاتتىق قورقۇتتى.

1221331
مېركېلنىڭ تىترەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قاتتىق قورقۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنى پايتەخت بېرلىندا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

مۇراسىمدا مىللىي مارشلار ئوقۇلغان ۋاقىتتا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تىترەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى مېركېلنىڭ تىترىشىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئەتراپتىكىلەر  ۋە قوغدىغۇچىلار قاتتىق ئەندىشىلەندى.

ئانگېلا مېركېلنىڭ تىترىشى توختىغاندىن كېيىن ھەربىي مۇراسىم نورمال ھالەتتە داۋاملاشتى ۋە ئىككى رەھبەر باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىغا ئۆتتى.

ئانگېلا مېركېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەربىي مۇراسىم جەريانىدا تىترىگەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «شۇ ۋاقىتتا مەن 2 – 3 ئىستاكان سۇ ئىچكەنىدىم، قارغاندا ئاز ئىچكەندەك قىلىمەن، ئەمما ھازىر ئەھۋالىم ياخشى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر