مالىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مالىدا ئىككى يېزا ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

1221167
مالىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىدا ئىككى يېزا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 41 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

مەركىزى پارىژدا بولغان خەۋەر قانىلى « France 24»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مالىنىڭ مەركەز رايونىدىكى يورو ۋە گاگافانى يېزىلىرىغا دۈشەنبە كۈنى سالاھيىتى نامەلۇم بولغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىپ 41 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دوگو مىللىتىدىن بولۇپ يورودا 24، گاگافانىدا 17 كىشى ئۆلگەن.

دوگون ۋە فۇلانىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئېتنىك توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە يۈزلەرچە كىشى ئۆلدى، 10-ئىيۇندىمۇ دوگونلۇقلارنىڭ يېزىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئەڭ ئاز 95 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

مالىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرى 2012-يىلدىن بۇيان ئېتنىك توقۇنۇشلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

فىرانسىيە تەرىپىدىن مالىغا ئەۋەتىلگەن 4000 ئەسكەر ۋە ب د ت باشچىلىقىدا قۇرۇلغان 15مىڭ كىشىلىك تىنچلىق قىسمى، ھازىرغىچە رايوننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #مالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر