ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پاكتىيا ۋىلايىتى زۇرمات ناھىيەسىدە قول ھارۋىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1220220
ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكتىيا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سەردار ۋەلى تەبەسسۈم زۇرمات ناھىيەسىدە بىر قول ھارۋىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ كىشىلەر توپلاشقان جايدا پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەردار ۋەلى تەبەسسۈم پارتلاشتا، تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پارتلاشقا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى كىشى جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر