سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيگەن.

1220412
سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 12 گە، يارىلانغانلار سانى 125 كە يەتكەن.

ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەردە مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن شەھىرىگە قاراشلىق چاڭنىڭ ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن 6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 16 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭلۇقىنىڭ 5.9 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر