مىسىر مۇرسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

1220379
مىسىر مۇرسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىلانلىرىنى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈشكە، دۆلەت مىقياسىدا مۇقىم ۋە كۆچمە ھالەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىڭلارچە چارلىغۇچىنى ھەرقايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

ئوفېتسىر ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ دەم  ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان مىنىستىرلىق، دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار، چېركاۋلار ۋە مېھمانخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

مىنىستىرلىق يەنە، يوللاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى، مەيدانلاردىكى خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە «تېررورچى» ئۇنسۇلارغا قارشى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «س» پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مەھكىمە زالىدا ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىسىرنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى مەزكۇر دېلودا «جاسۇسلۇق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

مۇرسى، 2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدا ئۆز دەۋرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى، كېيىنچە پىرېزىدېنت بولغان ئابدۇلفەتتاھ سىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر