جاممۇ كەشمىردە يۈز بەرگەن توقۇنۇش جانغا زامىن بولدى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تىركەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر بىلەن ئىككى تىركەشكۈچى ئۆلدى.

1220824
جاممۇ كەشمىردە يۈز بەرگەن توقۇنۇش جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Hindustan Times › گېزىتى» نىڭ ساقچى دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تىركەشكۈچىلەر ھەققىدە ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغانلىدىن كېيىن،   ئانانتناگ رايونىنىڭ ۋاگھاما يېزىسىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تىركەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر بىلەن ئىككى تىركەشكۈچى ئۆلگەن.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  توقۇنۇش جەريانىدا يارىلانغان ئىككى ئەسكەر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر